باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ھالقىپ قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسىنى ئېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى

2016.12.13 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- دېكابىر، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون بىلەن ماس قەدەمدە ئۆلكە ھالقىپ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش جەرىمانىسىنى ئېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ تاپشۇرۇلغان بىرىنچى قېتىملىق جەرىمانە ئىچكى موڭغۇلنىڭ جاغداچ شەھەرلىك سودا-سانائەت بانكىسىدا ئوڭۇشلۇق خەزىنىلەشتۈرۈلگەن. مۇشۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون بىلەن بىللە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا «ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (مالىيە خەزىنىسى ( 2016 ) 174-نومۇرلۇق)نى ئېلان قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كېڭەيتىپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر