باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن ساپاسى ھەرىكەت پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2016-2020)» ئېلان قىلىندى

2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %8كە يەتكۈزۈلىدۇ

2016.12.13 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2016 - 2020)» يېقىندا رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، 2020 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %8كە يەتكۈزۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پەن ساپاسىنى 9 - قېتىم نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3.97كە يېتىپ، 2010 - يىلىدىكى %1.20 تىن 2.31 ھەسسە ئېشىپ، «12 - بەش يىل»دا بېكىتىلگەن پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %2.28كە يەتكۈزۈش نىشان ۋەزىپىسى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. 2015 - يىلى دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ پەن ساپاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %6.2كە يەتكەن.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «13 - بەش يىل»دا ئاپتونوم رايونىمىز ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، شەھەر، بازار ئەمگەكچىلىرىنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى، رەھبىرىي كادىرلار ۋە مەمۇرلارنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئاساسىي قۇرۇلۇشى، مەھەللىلەردە پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەسىپتە ھەمدەم بولۇش قۇرۇلۇشى، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشى ئەتراپلىق يولغا قويۇلىدۇ.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەزا ئورۇنلار تەلەپ ۋە ئىش تەقسىماتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز تارمىقى، سىستېمىلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت يىرىك پىلان ۋە پىلانلىرىغا كىرگۈزۈشى؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى يىللىق خىزمەت پىلانى، نىشانلىق باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە ئەھۋالى ۋە پۇقرالارنىڭ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مائارىپ، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەبلەغ سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاراشلىق رايوندىكى دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ھەر بىرىگە بىر يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى (ئاھالىسى 50 مىڭدىن تۆۋەن ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئومۇمىي نورمىسى بەش يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق) ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. 2020 - يىلىغا بارغاندا، شارائىتى يار بەرگەن جايلار پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئوتتۇرىچە خىراجىتىنى 2015 - يىلدىكى ئاساستا بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر