باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتى ئىزھار قىلىندى

2016.12.13 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن جەم بولۇپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى ئورتاق ئىزھار قىلدى، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ئورتاق ھېس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، ئۆزبېك قاتارلىق توققۇز مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ ئائىلە. ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىن 300 كىشى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، قاغىلىق ناھىيەسىگە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغىلى بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

  ئورگان خور ئۆمىكى ئورۇنلىغان «داۋانچىڭ قىزى»، «ياشلىق نەغمىسى»، «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» قاتارلىق بىر قاتار ناخشا بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. نەيىم ياسىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئورگاندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلانغاچ كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتى، نەق مەيدان خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق كەيپىياتىغا تولدى.

  نەيىم ياسىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قول تۇتۇشۇپ، ئىشنى ئۆزىدىن، كىچىك ئىشلاردىن ۋە ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىقلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك. بۈگۈنكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بىزگە ناھايىتى ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، پائال، چوڭقۇر ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، ئۆزئارا دوستلىشىشى ۋە سەمىمىي سىردىشىشى؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىدا، كۆپچىلىك مەشرەپكە چۈشۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە مېھرىبانلىققا تولغان مىللىي ھېسسىياتقا بىرلىكتە شاھىت بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، نىجات سۇلتان، ئىنئام نەسىردىن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر