باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇرۇلما تەڭشىلىپ، شەكىل ئۆزگەرتىلىپ، ساغلام تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىلدى

قاغىلىق ناھىيەسى پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى 100 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازايتتى

2016.12.13 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق» قاغىلىق ناھىيەسىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. قاغىلىق ناھىيەلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىنيۆ 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى مۇنداق دېدى: ناھىيەمىز پولات - تۆمۈر كەسپىدىكى 100 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئازايتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار چۈشۈرگەن نىشان، ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  پولات - تۆمۈر كەسپىدە 100 مىڭ توننا ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش نىشان، ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلگەن قاغىلىق ناھىيەلىك «كۈنشىن» مېتال بۇيۇملار چەكلىك شىركىتى ناھىيە نۇقتىلىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلغان كارخانا.

  بۇ شىركەت 2014 - يىلى 10 - ئايدا يىلىغا 150 مىڭ توننا پىلتە پولات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرغان؛ 2015 - يىلىغا كەلگەندە، ئومۇمىي مۈلكىنى 85 مىليون 820 مىڭ يۈەنگە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 20 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 165 دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش خىزمىتىدە، ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار كۆپ قېتىم كارخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ھەم ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ سەككىز ئوتتۇرا چاستوتىلىق پېچىنىڭ ھەممىسى چېقىۋېتىلدى. 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، بۇ شىركەتنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى.

  بۇ شىركەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، زاۋۇت رايونىغا تۇتىشىدىغان پەلەمپەي ئىشىكنىڭ چىڭ يېپىلغانلىقىنى، زاۋۇت رايونىغا بىر كىشىنىڭلا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لىن يىباۋ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئىلگىرى ناھىيەدىكى غوللۇق كارخانا بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان قۇيما زاپچاسلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي شىنجاڭغا سېتىلاتتى. دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىنى تەڭشىشىگە ئاساسەن، شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئوتتۇرا چاستوتىلىق پېچلار قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. دەسلەپتە كۆزىمىز قىيمىغان بولسىمۇ، ئويلاپ باقساق، مۇشۇنداق يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتلىق كارخانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرا ئىكەن. پولات - تۆمۈر ساھەسى ئىزچىل كاسات بولۇۋاتقان، دۆلەتنىڭ قالاق پولات - تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىشىدىن ئىبارەت قوش بېسىمدا، ئوتتۇرا، كىچىك پولات - تۆمۈر كارخانىلىرى ھامان بازاردىن چېكىنىشى كېرەك. ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەش، شەكىلنى ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈش بىزنىڭ كېيىنكى تىرىشىش نىشانىمىز.

  24 ياشلىق مەمتىمىن دۆلەت قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششارباش بازىرى كاپا كەنتىدىكى دېھقان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركەت توختام ئىمزالىغان دېھقان ئىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 17 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما بەردى. شىركەت ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاپ بىر ئايدىن كېيىن، مەن ناھىيەلىك «چوگىر مۇزلۇقى» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا چۈشتۈم.

  ئۇششارباش بازارلىق خەلق ئىشلىرى - ئىجتىمائىي كاپالەت پونكىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇقادىر قاسىم مۇنداق دېدى: مەمتىمىنگە ئوخشاش 40 ~ 50 دېھقان ئىشچى ئەمەلىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنىپ، ناھىيەمىزنىڭ ئېغىر سانائەت رايونىدىكى باشقا كارخانىلاردا ئىشقا چۈشتى.

  ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گوپىڭ مۇنداق دېدى: ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق دۆلەت بېكىتكەن، چوقۇم ئورۇندايدىغان قاتتىق ۋەزىپە. مەركەز تەلەپ قىلغان ئىكەن، ھەرىكەت قوللىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ «ئەسكى بولسىمۇ، ئۆزۈمگە ياخشى» دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر