باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا يېڭى تاراتقۇلار ئىتتىپاقلىقى باشلاندى، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىندى

2016.07.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، خەلق گېزىتخانىسى، خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىقى مۇنبىرى يېڭى تاراتقۇلار ۋە يېڭى تېخنىكا قوشۇمچە مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەردە خەلق گېزىتخانىسى، خەلق تورى، جەنۇبىي ئافرىقا دەۋر ئاخبارات ۋاسىتىسى گۇرۇھى، قازاقىستان خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، پورتۇگالىيە لۇسا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، گوللاندىيە خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى تورى، مىسىر خەۋەرلەر گېزىتى، كورېيە مەركەز گېزىتى، كورېيە كۈندىلىك ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى، مىسىر جۇمھۇرىيەت گېزىتى، مىسىر ئەلئېھرام گېزىتى تورى، بىرازىلىيە قىزىل تورى، سۇدان ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئەركىن تاراتقۇ تورى، رۇسىيە VK ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، كورېيە مىللىي گېزىتى، يېڭى زېلاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىسى گۇرۇھىدىن ئىبارەت 16 تاراتقۇ ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلدى.

  خىتابنامىنىڭ تولۇق تېكىستى:

  بۇ دەۋرنىڭ ئۇچۇر تارقاتقۇچىسى ۋە خاتىرىلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىدە، بۈگۈن يەر شارىنىڭ بەش چوڭ قىتئەسىدىن كەلگەن 16 يېڭى تاراتقۇلار ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يىغىلىپ، ئالاقە تورى ئورتاق ۋاسىتىسى ئاستىدا، كەلگۈسىدىكى ئورتاق تەقدىرنى مۇھاكىمە قىلدى. بىز تۆۋەندىكىدەك ئورتاق تونۇشنى جىددىي جاكارلايمىز:

  يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئورتاق سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى، ئىشىنىشنى ۋە سىغدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛

  تاراتقۇلار يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇپ تەرەققىي قىلىش كېرەك؛

  ھەرقايسى دۆلەتلەر تاراتقۇلار ئارا ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە بايلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛

  «ھېچقايسى بىر تەنھا ئارال ئەمەس»، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا ھالدا تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە بولايلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر