باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك نۆۋەت ئالمىشىش كەيپىياتىنى سەييارە تەكشۈرىدۇ

2016.07.27 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان نۆۋەت ئالمىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يەرلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن نۆۋەت ئالمىشىش كەيپىياتىنى سەييارە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، گۇاڭشى يۈننەن، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى تەكشۈرىدۇ، تيەنجىن، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق تۆت ئۆلكە(شەھەر)نىڭ «قايتىدىن قاراپ چىقىش» بويىچە ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ نۆۋەت ئالمىشىش كەيپىياتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك، ساغلام، مۇقىم ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەلەپچان، قاتتىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىشانلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بايقاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي پوزىتسىيە ۋە كۈچلۈك تەدبىر بىلەن نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى ساقلاپ، بۇ قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىشنى ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك تەشكىلات بۆلۈملىرى «12380» تېلېفونى، تور، قىسقا ئۇچۇر ۋە ئەرزىيەتتىكى «تۆتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» پاش قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق، نۆۋەت ئالمىشىش كەيپىياتىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر