باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى تارقىتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.07.27 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆلىمى، ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى روشەن ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىيات خىزمىتىدە ئاكتىپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئورۇنلىشىشى زىيادە كەڭ، كارخانىلارنىڭ قاتلام دەرىجىسى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىكرەك بولۇپ، بايلىقلارنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە قايتا تەشكىللەشتە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى سەپلەشنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلىپ، ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىپىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقئارالاشقان تىجارەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىستراتېگىيەسى، بازارنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىسلاھاتقا بىرلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماس ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ توغرا بەلگىلەپ، فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىيات سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابىتىگە ئىگە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت ھالقىغان بىر تۈركۈم شىركەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر