باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى باياناتى

2016.07.13 17:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتى ھەققىدىكى باياناتنى ئېلان قىلدى، باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قايتا تەكىتلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇنداق بايانات ئېلان قىلىدۇ: 1-جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللىرى-دوڭشا تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جوڭشا تاقىم ئاراللىرى ۋە نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىگە ئىككى مىڭ يىلدىن ئاشتى. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان، ئىسىم قويغان ھەم ئېچىپ پايدىلانغان، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇلار ئالاقىدار دېڭىز ساھىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئەڭ بالدۇر سىجىل، تىنچ، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ، جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى تۇرغۇزغان. 2-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ كەلگەن. 3-جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىيىتى ھەم ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل مەيدانى ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ ئىچكى قانۇنى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنلار بويىچە، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىدىن، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى دوڭشا تاقىم ئاراللىرى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جوڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىچكى سۇ، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە چېگرىداش رايونلىرىغا ئىگە؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا مەخسۇس ئىقتىساد رايونى ۋە ماتېرىك سۇپىسىغا ئىگە؛ تۆتىنچىدىن، جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھوقۇققا ئىگە. جۇڭگونىڭ يۇقىرىقى مەيدانى-ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەمەلىيەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. 4-جۇڭگو بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللىرىدىكى قىسمەن خادا تاش ئاراللىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ساھىلىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى. 5-جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قاتناش ۋە ئۇچۇپ ئۆتۈش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە قوللايدۇ، بۇ ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا قاتناش يولىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر