باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 139 مىليون 260 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختا 2-يۇقىرى ئورۇندا تۇردى

2016.07.13 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 12-ئىيۇل ئېلان قىلغان 2016-يىللىق يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 139 مىليون 260 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات مىقدارى2015-يىلىدىكىدىن 1 مىليون 621 مىڭ توننا ئازىيىپ، ئازىيىش نىسبىتى %1.2 بولغان. 2016-يىلى، يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى سەل ئازايغان بولسىمۇ، بىراق تارىختا يەنىلا 2-يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىنغان يىل بولدى.

  ئېلىمىزدىكى يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 27 مىليون 632 مىڭ 400 گېكتار بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 7100 گېكتار ، %0.03 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 24 مىليون 8 مىڭ 200 گېكتار بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 26 مىڭ 300 گېكتار، %0.1 ئازايغان. مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك كۆلەملىك مەھسۇلات مىقدارى 5039.7 كىلوگرام (گېكتار) بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن %1.2 ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەتنىڭ بىرلىك كۆلەملىك مەھسۇلات مىقدارى 5358.3 كىلوگرام (گېكتار) بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن 59.6 كىلوگرام (گېكتار)، %1.1 ئازايغان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېزا خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى خوۋ رۈي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، بىرلىك مەھسۇلات تۆۋەنلىگەنلىكتىن يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىدى. 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىقنىڭ ھەر گېكتارىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 5039.7 كىلوگرام بولۇپ، ھەر گېكتار مەھسۇلات مىقدارى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 60 كىلوگرام كېمەيدى. ھاۋا رايى شارائىتى ئالدىنقى يىلىدىىدىن ناچار، ئاپەت ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلىقتىن، يازلىق ئاشلىقنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى تۆۋەنلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر