باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» تارقاتتى

مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.06.17 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بالىلار − ئائىلىسى نامرات بولغاچقا تۇرمۇش، داۋالىنىش، ئوقۇش جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار بالىلار، مېيىپلىك سەۋەبىدىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قاراش ۋە جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش جەھەتلەردە قىيىنچىلىقى بار بالىلار شۇنداقلا، ئائىلىدە ھامىيىسى يوق ياكى ياخشى ھامىيلىق قىلمىغانلىقتىن خورلاش، تاشلىۋېتىش، كۈتۈلمىگەن يارىلىنىش، قانۇنسىز زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بالىلارغا بىخەتەر، غەمسىز، مۇھەببەتكە تولغان، ساغلام تەرەققىي قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئائىلە، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بالىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن، تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەدەنىيەتلىكنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى بىلەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر