باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى ئەزا دەسلەپكى قاندا ماي بولۇشنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى

2016.03.09 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە كىشىلەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى 77% پىرسەنتتىن ئاشتى. بۇ كىشىلەر ئورگانىزمىدا ئاساسىي خولېستروننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇدىر ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1 - دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خو يوڭ پىروفېسسور مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز كىشىلەردىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش جەھەتلەردە 40 نەچچە يىل تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. مەيلى خولېستىرون كېسەللىكى بويىچە تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، ياكى ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قارىشىدىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش جەھەتتىن بولسۇن، يەنە داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەش لازىم.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى گې جۈنبو پىروفېسسور مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى يۈز بېرىش نىسبىتى يىلدىن يىلغا ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە يەنىلا داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بار، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىدىن بۇرۇن، ئېلىمىزنىڭ يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى تەس.

  ئۇلار خولېستېرىن ئۆرلەپ كېتىشنى باشقۇرۇشنى دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈشنى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشنى، ئاممىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدا بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم. دەسلەپكى قاندا ماي بولۇشنى تەكشۈرۈش ئېلىمىزدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىغا بالدۇرراق كىرگۈزۈلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىپ، تېزدىن قاندا ماي بولۇشنى باشقۇرۇشنى دۆلەتنىڭ جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرىگە كىرگۈزۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئۈچۈن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش كۈچەيتىپ، ئىلىمىزنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر