باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەرساھەدىكى ئايال قېرىنداشلارغا خەت ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى تۆھپىكارلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى

2016.03.08 17:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەرساھەدىكى ئايال قېرىنداشلارغا خەت ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى تۆھپىكارلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 7 – مارت شىنجاڭدىكى بارلىق ئايال قېرىنداشلارغا خەت ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكتىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئايال قېرىنداشلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلاردىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى تۆھپىكارلاردىن بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ۋە ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئايال قېرىنداشلار:

  106 – قېتىملىق ‹‹8 – مارت›› خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا سىلەردىن بايراملىق ھال سورايمەن ۋە سىلەرگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

  ئاياللار ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ئىجادكارلىرى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاياللار ئىشلىرىغا باشتىن – ئاخىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرىدا ناھايىتى زور يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈردى. ئاياللار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ زامانغا لايىق، مەسئۇلىيەتچان ئايال، نەمۇنىلىك ئايال، نەتىجىلىك ئاياللاردىن بولۇپ، ‹‹يېرىم دۇنيا››لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى تەرەققىيات نىشانى، ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئەمما بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئايال قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  بارلىق ئاياللارنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەقىللىق ئاياللار تۇرمۇشنى ئىللىقلىققا ۋە خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ. ھەر مىللەت ئاياللار تىرىشىپ زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن بولۇپ، زامانىۋى ئاڭ تۇرغۇزۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ، ئىللىق تەبەسسۇمى، گۈزەل لاتاپىتى، ئوچۇق – يورۇق، كەڭ قورساق قىياپىتى بىلەن ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››كە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە توھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاياللارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاياللار مۇھەببەت ئەلچىسى، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ نامايەندىسى. ھەر مىللەت ئاياللار ئاق كۆڭۈل بولۇپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئائىلىدە ئىناق ئۆتۈپ، قوشنىلار بىلەن دوستانە ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئانىلىق مېھرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشىلىقىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  بارلىق ئاياللارنىڭ ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى تۆھپىكارلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز، ئائىلىنىڭ روھى. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە››لەرنىڭ ئورتاق تىرەك بولۇشىغا موھتاج. ھەر مىللەت ئاياللار مېھرىبان ئانا، ۋاپادار پەرزەنت، پەزىلەتلىك ئايال بولۇشتەك كۆپ قاتلاملىق سالاھىيەتنى ياخشى ئۆتەپ، سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ ‹‹ئەڭ گۈزەل ئائىلە›› بەرپا قىلىشى كېرەك. دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، ‹‹مەن قىلالايمەن›› دېگەن روھنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز ئىش ئورنىدا تىرىشىپ ‹‹ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان›› ئالاھىدە نەتىجىلەرنى يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئايال قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال – خۇرام ئۆتۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

  جاڭ چۈنشيەن

  2016 – يىل 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر