باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.08 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىككىنچى قېتىملىق دوكلاتى 7-مارت چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى سۈن چى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  دوكلات يىغىنىدا، دوكلات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جانلىق بايانلىرى بىلەن مەيداندىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇلار پات - پات قولى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتەتتى، ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىش ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربانغا بولغان چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى سىياسىي بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇ شياۋۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : مەمەتجان توخنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 2015 - يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايلىنىپ ئۆتكۈزۈلدى، بۈگۈنكى دوكلات بېرىش يىغىنى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 34- مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى. دوكلات بېرىش يىغىنى ھەر بىر جايغا بارغاندا، كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئىنكاس پەيدا قىلدى. مەمەتجان توخنىياز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بىر مەيدان پارتىيەگە، خەلققە ۋە كەسپىگە چەكسىز سادىق بولۇش ئىدىيە تەربىيىسى دەرسى ئۆتۈپ بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر