باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زېڭ سۈن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ياساش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

2016.03.08 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مېنىڭ گېپىم بار» 7ـ مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىندا، ۋەكىللەر «13ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ( لايىھە )»گە قاراپ چىقتى. سۆز قىلىدىغان ۋەكىللەر بەك كۆپ بولغاچقا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن كۆپ قېتىم قول كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىپ، ئاندىن سۆز قىلىش پۇرسىتى ئېرىشتى.

  زېڭ سۈن قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان، قەشقەرگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. قەشقەرنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1500كىلومېتىردىن ئارتۇق. نۆۋەتتە ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى ئاساسەن پويىز، ئاپتۇبۇس ۋە ئايروپىلاندىن ئىبارەت ئۈچ خىل قاتناش ۋاستىسىگە تايىنىدۇ. قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بېرىشتا، پويىز ياكى ماشىنىغا ئولتۇرغاندا ھەممىسىگە 20نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندىمۇ يەنە ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايروپىلان بېلىتى باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەممە كىشىنىڭ قوبۇل قىلالىشى ناتايىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ھەم ئەرزان، ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى قاتناش ۋاستىسى يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىز.

  « قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بولغان ئارىلىق بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردە بىر قانچە ئۆلكە ھالقىغىلى بولىدۇ.» زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: خۇددى ئىككى تۇغقانغا ئوخشاش، پەقەت ئۆزئارا بېرىش -كېلىش قىلىپ، دائىم كۆرۈشۈپ تۇرسا، ئاندىن تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، ئەگەر بىر نەچچە يىلدىمۇ بىرەر قېتىم كۆرۈشەلمىسە، ئۇرۇق - تۇغقانلارمۇ ياتلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ۋاقىت - بوشلۇق پەرقى قىسقارتىلمىسا، ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق قەشقەر يەنىلا «يىراقتىكى تۇغقان» بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا زېڭ سۈن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياساپ، ئۆزئارا دائىم ئالاقە قىلىپ تۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر