باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سرىلانكا بىر بەلباغ بىر يولنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا پايدىلىق

2016.03.09 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سرىلانكىنىڭ دۆلەت سىياسىتى ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى پېرېرا يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن يول بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بار، سرىلانكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، بۇ سرىلانكا ئىقتىسادىغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، سرىلانكا بۇ تەشەببۇسنى پائال قوللايدۇ ۋە بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. پېرېرا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سرىلانكا دېڭىز يىپەك يولى ئېلىپ كەلگەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، سىرىلانكىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سرىلانكا ھۆكۈمىتى ھازىر جەنۇبتىكى خانبانتوتادا بىر سانائەت رايونى قۇرۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىماقتا شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىمۇ بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايونلارنى مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر