باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى ياپونىيەنىڭ ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلدى

2016.03.09 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى تۈنۈگۈن ياپونىيەنىڭ «ئاياللارنى بارلىق شەكىلدە كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى»نىڭ يەتتىنچى، سەككىزىنچى قېتىملىق بىرىكمە دوكلاتىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى ئىجرا قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلىپ، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار تەكلىپىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ياپونىيەنى ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ 16-فېۋرالدىكى ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللارغا ئالاقىدار بۇ مەسىلە ياپونىيە ئەھدىنامىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن، شۇڭا بۇ يەردە قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن سۆزلەر ھەققىدە قاراپ چىقىش نەتىجىسىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جىنايىتىنى تونۇش، تۆلەم بېرىش ۋە تەسەللىي بېرىش كەمچىل بولغانلىقتىن، ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئايال مەسىلىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇچرىغان ئازاب يەنىمۇ ئېغىرلىماقتا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇقامى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. قاراپ چىقىش نەتىجىسىدە يەنە كېلەر قېتىملىق قاراپ چىقىشتا ياپونىيەنىڭ ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە دوكلات بېرىلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر