باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى قېتىملىق «ئۈندىدار قىزىل بولىقى» يېڭى شەكىلدىكى تور قىمار دېلوسى پاش قىلىندى

2016.03.08 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىزىل بولاق تارقىتىش، قىزىل بولاق تالىشىش ئەسلىدە ھازىرقى ئۈندىداردىكى دوست-بۇرادەر، ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدىكى بىكار ۋاقىتتا تېلېفوندا «ئۈندىدار دوستلار توپى»دا ئوينىغان بىر خىل يېڭىچە، كۆڭۈل ئاچىدىغان كىچىك ئويۇن ئىدى،ئەمما ئەگەر بۇ خىل ئويۇن بەزى باشقا نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز پۇل تېپىش ۋاستىسى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ساۋەن ناھىيىلىك ساقچى تەرەپ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا نەچچە كۈن ئەتراپلىق رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، « ئۈندىدار قىزىل بولىقىنى تالىشىش»تىن پايدىلىنىپ، چوڭى كىچىكىنى قالدۇرۇش، تاق جۈپلىكىنى پەرەز قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلغان تور قىمارۋازلىق دېلوسىنى ئوڭۇشلۇق پاش قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تەشكىللىگۈچى،23قىمارۋازنى قولغا ئالدى، جەمئىي چېتىشلىق پۇل سوممىسى 220مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ ھازىرغىچە، شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە پاش قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق «ئۈندىدار قىزىل بولىقى» يېڭى شەكىلدىكى تور قىمار دېلوسى ھىسابلىنىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر