باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىش كېرەك

2016.03.08 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 6 – مارت گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  ۋەكىللەر بەس – بەستە سۆز قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ قوللىغانلىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن چارە – تەدبىر كۆرسەتتى، يىغىن كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

  ۋەكىل ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ بولغان، مەۋقە ھازىرغا قويۇلغان، يىراقنى كۆزلىگەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلى ئاپتونوم رايونىمىز تەرەققىيات تارىخىدىكى نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم بېسىپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگو ئارزۇسى شىنجاڭ بۆلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  ۋەكىل شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ياخشى، ئەمەلىي سۆزلەر بىلەن باشلىنىپ، بىزگە ‹‹13 – بەش يىل›› تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل پىلانىنى تۈزۈپ بەرگەن، غەربىي رايونغا چېتىلىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى شارائىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش، چېگرا سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى قاتناشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەبلەغ ئارقىلىق قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىك سەپ كادىرلىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھ ئەزالىرى قاتارلىق پارتىيەسىز زاتلارنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  قاراپ چىقىشتا يەنە نۇرغۇن ۋەكىل ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالدى. زېڭ سۈن، ئەزىز مۇسا، سارقىت ئاقان، تالغات ھۈسەن، خاسىيەت ئەلى قاتارلىق ۋەكىللەر ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى كۈچەيتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى ئەمەلىيەت ئاساسىي قاتلامنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئورگان كادىرلىرىنىڭ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كېيىنكى قەدەمدە تەجرىبىلەرنى داۋاملىق يەكۈنلەپ، دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر بىر شىنجاڭلىقنى ھاللىق تۇرمۇشقا يېتەكلەش كېرەك، دېيىشتى.

  مۇتەللىپ ئوبۇل، گو ليەنشەن، شېن يەن، ھوشۇر ئىسلام، فۇ پۇيەن، لى نا، مەردان مۇقىيىت، دىلنار ئابدۇللا، شى ۋېنخەي، ليۇ شىنشېڭ، خالىدە ئابدۇقادىر قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشتا سۆز قىلدى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر ئاڭلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر