باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپ ھاسىل قىلدى

2016.03.09 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى 8-مارت بېريۇسسېلدا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلىش ھەققىدە ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپ ھاسىل قىلغانلىقىنى ھەمدە 17-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن كونكرېت كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئالتە ئاساسىي پىرىنسىپ: تۈركىيە ئارقىلىق گرېتسىيەگە بارغان بارلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىش چىقىمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىگە ئېلىش؛ ۋىزىنى ئەركىنلەشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2016-يىلى ئىيۇنغىچە تۈركىيە ئاھالىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ۋىزا تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ھازىرقى ۋەدە رامكىسى ئىچىدە گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە ياكى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن ھەر بىر سۈرىيە مۇساپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىش؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ مىليارد ياۋرو مەبلەغنى تارقىتىشنى تېزلىتىش؛ تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش سۆھبىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش؛ سۈرىيە ئاھالىسىگە بىخەتەر تۇرالغۇ مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر