باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

21 ئۆلكە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپنى ماقۇللىدى

توققۇز ئۆلكە GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى

2015.12.08 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شۇنداقلا جايلارنىڭ يەرلىكنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپ تۈزىشىدىكى يېتەكچى ھۆججەت. تولۇق بولمىغان ئىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، 6-دېكابىرغىچە، خېبېي، شەنشى، فۇجيەن، جياڭسۇ، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ، خۇنەن، جېجياڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، جياڭشى، جىلىن، گۇاڭدۇڭ، خېيلۇڭجياڭ، گەنسۇ، شەندۇڭ، گۇاڭشى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خەينەن، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 21 ئۆلكە يىغىن ئېچىپ، يەرلىكنىڭ «13 بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، تيەنجىن، خەينەندىن باشقا 18 ئۆلكە تەكلىپنىڭ پۈتۈن تېكىستىنى ئېلان قىلغان.

  توققۇز ئۆلكە GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن يۇقىرى بولدى، جايلار «قوش ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى

  مەركەز يېقىندا ئېلان قىلغان ئېلىمىزنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپىدە، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، 2020-يىلغىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېقىندا يەرلىكنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپىنى ئېلان قىلغان 18 ئۆلكە ئىچىدە، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، جياڭسۇ، چۇڭچىڭ، شەندۇڭ، جىلىن، جېجياڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارنىڭ نىشانى مەركەز بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىدە 2020-يىلغىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر