باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر يىلى يېڭى يىلنىڭ بىرىچى كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ

2015.11.03 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2015-يىلى يىل ئاخىرىغا يەنە ئىككى ئاي قالدى، بۈگۈندىن باشلاپ، 2016- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنىڭ پويىز بېلىتى بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ. سەپەر پىلانى بار يوۇچىلار مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

  يېڭى يىللىق دەم ئېلىش 2016-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە قويۇپ بېرىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە پويىز بېلىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن 60كۈن ئالدىن سېتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۈگۈن يولۇچىلار 2016-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىنىڭ پۇيىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. 12306 تور بېكىتى، يان تېلېفون تېرمىنالى، تېلېفون قاتارلىق ئۈچ خىل ۋاستىدە ئالدىن سېتىلىدۇ.

  پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ۋە پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۆزنىكىدە ئىككى كۈندىن كېيىن سېتىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى باھار بايرىمى، 10-دېكابىر توردا ھارپا كۈنىنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىش باشلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىللىق قىشلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار بېرىش پويىز بېلىتىمۇ سېتىلىشقا باشلاندى. ئوقۇغۇچى يولۇچىلار ئىناۋەتلىك ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ۋە كىملىك ئارقىلىق 1 - دېكابىردىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن يېرىم باھا ئېتىبار پويىز بېلىتى سېتىۋالسا بولىدىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر