باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنى تەيىنلىدى

2015.10.28 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) چېن جاۋشياڭ، فېڭ فېي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەندى؛ ۋاڭ چىنفېڭ، گۇ جۈ دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى؛ لى باۋروڭ دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، تەن تيېنيۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، ليۇ يۈجۇ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

  جياۋ خۇەنچېڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى؛ لى شياۋجيې مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ليۇ يۈجۇ مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى مىنىستىر ياردەمچىسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى؛ جاڭ جىيوڭ دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى؛ شى ئېرۋېي جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن، شى شىپىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق چوڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر