- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپاغا بارىدىغان خەلقئارا پويىز يولغا چىقتى
2015.07.15 16:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالاتاۋ ۋوگزالىدا، تۈنۈگۈن سائەت 16 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، 41 ۋاگون چېتىلغان بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سائىتىگە 30 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يولغا چىقتى. پويىزنىڭ كېيىنكى بېكىتى 12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قازاقىستاننىڭ دوستلۇق ۋوگزالى. چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دەپ نام بېرىلگەن بۇ پويىزغا چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئىشلەنگەن پىرىنتېر ۋە كومپىيۇتېر قاتارلىق مەھسۇلاتلار بېسىلغان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ نۆۋەتچى پويىزغا چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا لىنىيەسىنىڭ نامى بېرىلگەن. چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، چۇڭچىڭ ئىتتىپاق كەنتىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ ئېغىزى ئارقىلىق، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلورۇسىيە، پولشادىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىگە بارىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئوتتۇرىچە يۈرۈش ۋاقتى 16 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا قارىغاندا 20 كۈن تېجىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر