باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلدى

2015.07.15 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، لىنىيە بويىدىكى 55 شەھەرنىڭ بىرلەشمە تەرەققىياتى تەدرىجىي يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى رايونى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما چۈنلېي مۇنداق دېدى: توققۇز كىۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ رايوندا، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ يولغا چىقىش، يېتىپ كېلىش ۋوگزالى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تاشيول بىلەن تۆمۈريول بىرلىشىپ توشۇش، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار بېكىتى، مىترو، شەھەر قاتنىشى قاتارلىق تەۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى بار، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى چوڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈن قۇرۇلۇشى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە. پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا كىشىلىرى شىنجاڭدىكى 1-بېكەتكە كەلگەن ھامان بۇ رايوننى كۆرىدۇ، ئۇ-شىنجاڭ، ھەتتا جۇڭگونىڭ غەربىي كۆزنىكىنى ئاچتى.

  بىر بەلباغ، بىر يول ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ھەم ئۇنىڭ رايون، بايلىق، بازار ۋە ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شەندۇڭلۇق يورۇتۇش ئەسۋابلىرى سودىگىرى دىڭ مىڭچېڭ مۇنداق دېدى: قاتناش تۈگۈنى، سودا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارغا چەكسىز سودا پۇرسىتى ئاتا قىلدى. ھاۋا قاتناش لىنىيەسىمۇ بەك كۆپ، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولدىمۇ قاتناش باشلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭدىكى ھەر خىل كۆرگەزمىلەر قوشۇلۇپ، سودا-تىجارەت ئىشلىرى تېخىمۇ قولايلاشتى، چەتئەللىك سودىگەرلەرمۇ كۆپەيدى، بۇلار بىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىمىزغا خېلى زور پايدا يەتكۈزىدۇ.

  دۆلەت ئىچى، سىرتىدا لىنىيە بويىدىكى 55 شەھەرنىڭ بىرلەشمە تەرەققىيات كۆلىمى ئۆزلۈكسىز كېڭەيدى. 2013-يىلى ئۈرۈمچى بىلەن لىنىيە بويىدىكى سەككىز دۆلەتنىڭ 24 شەھىرىدىكى ۋەكىللەر «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى شەھەرلەر ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئۈرۈمچى ئورتاق تونۇشى»نى ھاسىل قىلدى. 2014-يىلى ھەمكارلىق شەھەرلىرىنىڭ سانى بىر قاتلاندى، 25 دۆلەتتىكى 48 شەھەرنىڭ باشلىقى «ئۈرۈمچى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ يىل ھەمكارلاشقان شەھەرنىڭ سانى 55 كە يەتتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ئىلھام سابىر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى مەقسەت بىرلا، يەنى قاتناش، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق، ئىچكى، تاشقى جەھەتتىن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش. 21-ئەسىر-يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىدىغان ئەسىر شۇنداقلا رايون ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى. ئېچىۋېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان ئۈرۈمچى دۇنيادىكى بارلىق دوست شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر