باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بۇ يىلنىڭ ئالندىقى يېرىمىدا يېڭىدىن 40 نۇقتىلىق تۈرگە ئىش باشلىدى

2015.07.16 20:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭىدىن 40 نۇقتىلىق تۈرگە ئىش باشلاپ، يېڭى تۈرگە ئىش باشلاش يىللىق پىلاننىڭ %66.7 ىنى تاماملاپ، جەمئىي 16 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىغان. بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن ئىش باشلانغان نۇقتىلىق تۈرلەردىن توققۇز تۈر، سېلىنغان مەبلەغدىن 12 مىليارد 50 مىليون يۈەن كۆپ.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىل جەمئىي 430 نۇقتىلىق تۈرگە ئىشلەيدىغان بولۇپ، جەمئىي 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 60 تۈرگە ئىش باشلىنىپ، مۇشۇ يىلنىڭ ئۆزىدە 31 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مۇقىم ئېشىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئاكتىپ ئىشلىدى. ئىيۇندا چىرا ناھىيەسىدىكى نۇر سۇ ئامبىرى، كورلا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، قومۇل ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ «بەيجېڭ» پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 600 مىڭ ئۇرچۇق يىپ ئىگىرىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، پاختا ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى)نىڭ ئىككى مىليون ئۇرچۇق پاختا يىپ ئىگىرىش مەركەزلەشكەن ئۆلچەملىك زاۋۇت بىناسى قۇرۇش تۈرى (1-قەرەل)، تۇرپان يارغول ماددىي ئەشيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى، شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى قاتارلىق يەتتە تۈردە ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن 40 تۈردە ئىش باشلاشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر