باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىچىلغان يىغىندا 62 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2015.07.16 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بيېجىڭ، 15- ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭىڭ رىياسەتچىلىكىدە 15- ئىيۇل ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئىسلاھات ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئۇنى بېكىتىش ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى؛ ئېمپورتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاپ قىلىش سىياسەت تەدبىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئېچىۋىتىش جەريانىدا تەرەققىياتنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەرەققىيات كۈچى زورايتىلىدىغان بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇلتۇردىن بۇيان 149 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسىدا، يەنە تور ئېلان ۋاستىچىسى، ئېلېكتىرون سودىسىغا رويخەتكە ئالدۇرغۇچى، مەملىكەتلىك چەت ئەل سودىسى كەسپىي خادىمى، پورت مال قاچىلاش چۈشۈرۈش ئىشچىسى قاتارلىق 62 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يىغىندا خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئۇنى بېكىتىش ئىشلىرىنى داۋاملىق مەركەزلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىندى. گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلىپ يولغا قويغان قانۇن بەلگىلىمە ئاساسىي يوق ئىجازەتلىك كەسپىي سالاھىيەت ۋە گوۋۇيۈەن كەسپ- ساھەلەر تارماقلىرى ۋە مەملىكەت كەسپ- ساھەلەر جەمئىيىتى، ئىلمىي جەمئىيەت ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلغان سەۋىيە باھالاش تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. قانۇن نىزام ئاساسىغا ئىگە، بىراق دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلقنىڭ ھاياتىي- مال مۈلۈك بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ياكى قوللىنىشقا بولمايدىغان كەسپىي سالاھىيەت ئۇسۇلىنى قوللنىشقا بولمايدىغانلىرى بولسا، تەرتىپ بويىچە قانۇن نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. دۆلەت كەسپىي سالاھىيەتنى باشقۇرۇش ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتكە دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىش. مۇندەرىجىدىن سىرت كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە ئۇنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ئىلمىي بولغان دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت سىستېمىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈزۈپ چىقىشى تېزلىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسپ، ئىش ئورنىنىڭ ئەمگەك ۋە خىزمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمگەكچىلەر تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر