باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2015 - يىللىق 2 - يىغىنى ئېچىلدى

2015.07.16 19:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 14 - ئىيۇل 2015 - يىللىق 2 - يىغىننى ئېچىپ، مەركەز ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سەككىز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2015 - يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ يىللىق 2 - نۆۋەتتىن 4 - نۆۋەتكىچە كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «تۆتكە كۈچەش»نى چۆرىدەپ مەسىلىلەر بايقىلىپ، تەھدىت كۈچى شەكىللەندۈرۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپلىكى، ۋەزىپىنىڭ يەنىلا مۈشكۈل، جاپالىقلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى تۇرغۇزۇپ، چىڭىتىپ، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ چىرىكلىشىش، ئىستىل، ئىنتىزام ۋە خادىملارنى تەيىنلەش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بايقاپ، كۆزىتىش نەتىجىسىدىن كۆپ تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، كۆزىتىشنىڭ تەھدىت شەكىللەندۈرۈش، چەكلەش، ماھىيەتتىن تۈزەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» ۋە «پارتىيە نىزامنامىسى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى قائىدە - نىزام بويىچە قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىشتىكى قايتما ئىنكاس، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇش، تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2 - ، 3 - ، 4 - نۆۋەتلىك كۆزىتىشنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە كۆزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا، ئىقتىداردا، ئىستىلدا، پىسخىكىدا كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، سەمىمىي، پاك، ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان كۆزەتكۈچى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچى ۋە ئىنكاس مەركەزلەشكەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان شۇنداقلا ئۆستۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا؛ سىياسىيغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قائىدىگە رىئايە قىلماسلىق، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامى قاتارلىق «ئالتە چوڭ ئىنتىزام»غا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە؛ مەركەزنىڭ «سەككىز بەلگىلىمە»سى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون بەلگىلىمە»سىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن چىرىكلىشىشنى ئازايتىپ، ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەر بىلەن چىرىكلىشىشنىڭ يامرىشىنى توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆزىتىشتە بايقالغان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىزلاش، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىق، سىياسىي ئىنتىزام بوشىشىش، قائىدە ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزىتىشتىكى قايتما ئىنكاسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە جايىدا كۆرسىتىپ بېرىش، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەشكىلات ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆزىتىشتە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئالدىن بېجىرىشى كېرەك. كۆزىتىشتىكى قايتما ئىنكاس پىكرىگە كۆزىتىلگەن ئورۇننىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» ئىمزا قويۇشى، مەشغۇلات خاتىرىسى تۇتۇشى، نۇقتىلىق خادىم، نۇقتىلىق ئىش، نۇقتىلىق مەسىلىگە دىققەت قىلىشى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىش، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ «بىرىنچى قول رەھبىرى» شەخس ۋە بەنزىنىڭ مەسىلىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ۋە ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارار قىلغان ئىشلار ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلگەن جاي، تارماق، ئورۇنلارغا سۇنغان تۈزىتىش پىكرىگە كۆزىتىش ئىشخانىسى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يېقىندىن دىققەت قىلىشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تەلەپ بويىچە تۈزەتمىگەن، ھەرىكىتى ئاستا، ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ بېجىرمىگەن، نەتىجىلەردىن جايىدا پايدىلانمىغان ئورۇنلارنىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) «بىرىنچى قول رەھبىرى»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر