باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇسمان قاچقان لەخمە ئاشكارىلاندى

2015.07.16 19:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

گۇسمان 11-ئىيۇل كەچ مېكسىكىدىكى «ئېگىزلىك» فېدېراتسىيە تۈرمىسىدىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ كەتتى، ئۇ بىر مەخپي لەخمىدىن قاچقان بولۇپ، كىرىش ئېغىزى تۈرمە مونچا رايونىنىڭ كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىگە چۈشمەيدىغان بۇلۇڭىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، چىقىش ئېغىزى تۈرمە سىرتىدىكى بىر ئۆيدە ئىدى. لەخمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر بولۇپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش يوللىرى، يورۇتۇش سىستېمىسى سەپلەنگەن، ھەتتا رېلىسقا بىر موتوسىكلىت قويۇپ قويۇلغان. مېكسىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ 13-ئىيۇل مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، ئەڭ چوڭ زەھەر «ماگناتى» گۇسماننىڭ تۈرمىدىن قېچىشىدا ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ «قولى» بار ئىكەن. گۇسمان قاچقان تۈرمىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
مېكسىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى رۇبىدونىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇسماننىڭ مونچىغا چۈشۈش رايونىدىن 10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى پەلەمپەيلىرى بار لەخمە بايقالغان بولۇپ، لەخمىنىڭ ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1.5 كىلومېتىر ئىكەن؛ لەخمىنىڭ ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشۈش يوللىرى بولۇپلا قالماي، يەنە چىراغ، جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىگن تۇڭى، ھەتتا بىر موتوسىكلىت بار ئىكەن.
«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ماگناتى» دەپ نام ئالغان گۇسمان شۇ يەر ۋاقتى 11-ئىيۇل يۇيۇنۇش جەريانىدا مېكسىكىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ قاتتىق بولغان فېدېراتسىيە «ئېگىزلىك» تۈرمىسىدىن قېچىپ كەتكەن. گۇسماننىڭ قاچقانلىق خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن، يەرلىك دەرھال جىددىي قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان، تۈرمە ئەتراپىدىكى بىر ئايرودۇرۇم ئۇچۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. نۆۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار 18 نەپەر تۈرمە مۇھاپىزەتچىسىدىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىۋېتىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر