باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئاساسىي قاتلامدىن تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.07.16 19:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 15 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىن ئاپتونوم رايوندىكى تارماق، ئورۇنلارغا تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامدا يېتىشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىن تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، بايراقنى توغرا تىكلەپ، نىشاننى توغرا بېكىتىش كېرەك، تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار شىنجاڭچە ياخشى كادىرلاردىن بولۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن يىغىن زالىغا كىرىپلا تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى خىزمەت ئورنىدىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈپ تەربىيەلەش ۋە تاللاش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان يۆنىلىش. بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان تاللاپ ئىشقا قويۇلغان 192 كادىر بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارماق ۋە رايون ھالقىپ ئىش ئورنى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئادەم تاللاش نىشانىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خىزمەتكە قويغان سىياسىيلىقى كۈچلۈك، قوش تىلغا پىششىق كادىرلاردۇر. ئاساسىي قاتلام تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشى، ئاپتونوم رايوندىكى تارماق، ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، 192 مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرى بۇيىل 1 - ئايدا خىزمەت ئورنىغا باردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت كادىر 100، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىر ئىككى، قالغانلىرى بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك ۋە بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كادىرلار. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمىدىكى زور ئىسلاھات بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش يولىنى كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچنى زىيان تارتقۇزماسلىق» تىن ئىبارەت ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يېرىم يىلدىن بۇيان، تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى خىزمەت ئورنىغا تېزدىن ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 65 كىشى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، كەنتلەرگە چۈشۈپ خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممەيلەننىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
سۆھبەت جەريانىدا جاڭ چۈنشەن پات - پات سۆز قىستۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن قانداق قىلغاندا يېڭى خىزمەت ئورنىغا ماسلاشقىلى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، قوش تىل سەۋىيەسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى، سۆھبەتنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى. جاڭ چۈنشيەن بىر تەرەپتىن تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلارنى شىنجاڭچە ياخشى كادىر بولۇشقا ئىلھاملاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلارغا كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىدى. كۆپچىلىك شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى ھەم قىزغىن ئالقىشلارنى ياڭرىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
«بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامدىن كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش بىزگە <كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان> پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، <يۇرتلاردىن تاللاش> <شىنجاڭ بويىچە تاللاش>قا ئۆزگىرىپ، بىزدەك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا مەدەت بولدى، بىزگە <ئوقۇش تارىخىغىلا قاراپ قالماي، ئىقتىدارىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، دېپلومىغا قاراپلا قالماي، سەۋىيەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، سالاھىيىتىگە قاراپلا قالماي، قولىدىن ئىش كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش> تەك نىشاننى تىكلەپ بەردى».
«پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، خىزمەتداشلىرىمنىڭ قوللىشى، كۆيۈنۈشى بولمىغان بولسا، مەندەك جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزىدىن كەلگەن بالا ئەتراپلىق تەربىيەلەنمىگەن بولاتتىم ھەم بۈگۈنكىدەك كۈنگە ۋە خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم».
«مەن مىننەتدارلىقنى ئۇنتۇماي، تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالىيجاناب ئەخلاقىم، ئىلغار ئىستىلىم، ئەلا نەتىجەم ئارقىلىق تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە مېنى تەربىيەلىگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇمەن».
......
ئابدۇنىياز ئابلا، لى جيەن، مۇنەۋۋەر نەجمىدىن، تۇرغۇن، رەيھانگۈل مەمەت، غەيرەت تۇرسۇن، گۈلدۆلەت پەرھات، تۇرسۇنجاپ، ياۋ يۇڭ، نىجات يادىكار، غالىپجان تۇرسۇن قاتارلىق تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلارنىڭ 11 ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامدىكى تەربىيەلىنىش تارىخى، يېڭى خىزمەت ئورنىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش تەسىراتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا، تەشكىلگە بولغان مىننەتدارلىقىنى سۆزلىدى ھەم قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن ئىشلەيدىغان ۋە ئىگىلىك تىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاڭ چۈنشيەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، بىر تەرەپتىن ياخشى كىشىلەرنى بىرىنچى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارلىق كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى كادىرلارنى چېنىقتۇرىدىغان «بىلەي»گە ئايلاندۇرۇش، كادىرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش بىرىنچى سېپىدە ۋە ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىن تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا پۇختا ئىشلىگەن، سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدا ئاممىۋى خىزمەت قىلىشقا ماھىر، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر مۇنەۋۋەر كادىرلار ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى كۈچەيتىش − پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىدۇر. ئاساسىي قاتلام ئاممىغا ئەڭ يېقىن، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغاندىلا پارتىيەنىڭ ئاساسىنى، قان - تومۇرىنى ھېس قىلغىلى، مەيداننى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەۋىيلىكنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تەربىيەلىنىشى، ئاساسىي قاتلامدىن تاللىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىمىزنى توغرا تىكلەپ، نىشانىمىزنى توغرا بېكىتىشىمىز كېرەك.
جاڭ چۈنشيەن ئاساسىي قاتلامدىن تاللاپ ئىشقا قويۇلغان كادىرلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغان ياخشى كادىرلاردىن، ئۆزلۈكىدىن «ئېتىقادى مۇستەھكەم، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، تىرىشچان، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، پاك - دىيانەتلىك» ياخشى كادىرلاردىن، «چوڭ ھەق، چوڭ ناھەققە بولغان مەيدانى ئېنىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان، ھەر مىللەت خەلقنى چىن دىلىدىن ھەقىقىي سۆيىدىغان» مىللىي رايون ياخشى كادىرلىرىدىن، «تۆتتە كۈچلۈك»، ئىجادچان، جەڭگىۋار، ئۇيۇشۇشچان كادىرلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. شىنجاڭچە ياخشى كادىر بولۇپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى، تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باشتىن - ئاخىر مېڭىشقا؛ ئىقتىدارلىق بولۇپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا؛ ئىستىلدا دۇرۇس بولۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپى بويىچە ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن ئىلغار ئىستىلىنى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئوبراز يارىتىشقا؛ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، بوشاشماي، قىيىنچىلىقلارغا، زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرىشكە، جاپا ۋە ھالاۋەتكە توغرا قاراشقا رىغبەتلەندۈردى.
جاڭ چۈنشيەن تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن ئاساسىي قاتلامدىن كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى، ئۇلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى، خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى، تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى، ئىش قىلىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، بەي جىجيې، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر