باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 40 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 17 - يىغىنىنى 22 - ئىيۇل ئېچىش قارار قىلىندى

2015.07.16 19:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 - ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن 40 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنىنى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 - يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى توغرىسىدىكى لايىھە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ «قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»قا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى.
مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىلىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھە)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھە)» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۈتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(2)(لايىھە) توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ئاڭلاپ ئۈتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(2) تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <يەر ھۆددىگەرلىك قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ھۆرىگۈل جاپپار، دوڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر