باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىجى زۇڭلىسى بەينىماراما بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.16 19:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل ‹‹خەلق›› سارىيىدا فىجى زۇڭلىسى بەينىماراما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن فىجىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنىدۇق. فىجى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلاملىرى ۋە ھەردەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسى كۈنسايىن كۆپىيىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد، تېخنىكا، ئەدلىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يەرلىك، ئادىمىيەت، ئىككى ئارمىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ جانلاندى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئەلا بولغان چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو-فىجى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ فىجى خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، فىجى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرسەتكەن تىرىشىچانلىقلىرىنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەقلىق ھوقۇقىنى قوللايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو-فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ باشلىنىش يىلى. بىز فىجى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، پارلامېنتلىرى، سىياسىي پارتىيەلىرى، يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-فىجى مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىجى تەرەپ بىلەن بولغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىجىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ فىجىلىق ياشلارنىڭ جۇڭگودا ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر