باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىسترلىقى ئىجتىمائىي سەنئەت ئىمتىھان دەرىجىسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى باھالاش ئاساسىي قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى

2015.07.16 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىسترلىقى يېقىندا ئىجتىمائىي سەنئەت ئىمتىھان دەرىجىسى، سەنئەت مۇسابىقىسى دەرىجە تەرتىپى گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى سەنئەت ئالاھىدىلىكىنى باھالاشتىكى بىۋاسىتە ئاساس قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەنئەت ساپاسىنى باھالاش چارىسى (سىناق تەرىقىسدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ئۈچ ھۆججەتنى تارقاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ساپاسىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي كۆرسەتكۈچ، ئوقۇش كۆرسەتكۈچى ۋە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى. ئاساسىي كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان دەرسلىرى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇشى ئارقىلىق ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپاسى ۋە يېتىدىغان نىشانلىرىنى كۆرسسىتىدۇ؛ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت ساپاسى نومۇر ئارقىلىق باھالىنىدۇ، «90 نومۇردىن يۇقىرىلىرى ئەلا، 75-89 نومۇرغىچە بولغانلىرى ياخشى، 60-74 نومۇرغىچە بولغانلىرى لاياقەتلىك، 60 نومۇردىن تۆۋەنلىرى لاياقەتسىز بولىدۇ».

  مالىيە مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە-سەھىيە-سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: باھالاش سىستېمىسىدىكى «مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆگىنىش» بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئائىلە سەنئەت تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قاتناشقان ئىجتىمائىي سەنئەت بويىچە تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ياكى شەخسىي تەربىيىلىگۈچىلەر تەشكىللىگەن سەنئەت تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مەھەللە، يېزا-كەنت مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، ئېسىل خەلق سەنئەتلىرىنى ئۆگىنىش، نەپىس سەنئەت ئويۇنلىرى ۋە كۆرگەزمىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش قاتارلىق» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرىدىغان ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر