باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىللىق GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى

2015.07.16 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەلق ئىگىلىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەلق ئىگىلىكى مۇۋاپىق ماكاندا ئايلانغان، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا مۇقىملىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 29 تىرىليون686 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.0 ئاشقان. پەسىل بويىچە قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.0 ئاشقان، 2- پەسىلدە %7.0 ئاشقان. كەسپلەر بويىچە، 1- ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ قۇشۇلما قىممىتى 2 تىرىليون 25 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشقان؛ 2- كەسپ قۇشۇلما قىممىتى 12 تىرىليون 964 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.1 ئاشقان؛ 3- كەسپ قۇشۇلما قىممىتى 14 تىرىليون 696 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.4 ئاشقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر