باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاموژنا باش مەھكىمىسى:تاموژنىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.07.15 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 13-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ سوڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن يىلدىن بۇيان گوۋۇيۈەن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئارقا ئارقىدىن چىقىرىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت شارائىتى يارىتىپ بەردى. تاموژنا باش مەھكىمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، ئاساسلىقى مۇنداق ئالتە جەھەتتىكى خىزمەتنى ئىشلىدى.

  1.نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قېلىپىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، جۈملىدىن ئۈچتە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تاموژنىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاموژنىلاردا ئومۇملاشتۇردى.

  2.جۇڭگو شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سودىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، تاشقى سودىنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بەردى.

  3.ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنغان تاموژنىنى قۇردى.

  4.ئىمپورت ئېكسپورت ھالقىلىرىدىكى ھەقنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  5.بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تاموژنىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق ياراتتى.

  6. ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى ساقلاپ، ئىمپورت ئېكسپورت تەرتىپىنى قوغدىدى.

  خۇاڭ سوڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈپ،كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، ماللارنى ئىمپورت ئېكسپورت قىلىش تېخىمۇ راۋانلاشتى، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخى بىر ئاز تۆۋەنلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشقى سودا تەرەققىياتىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر