خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇل، شىنجاڭ تۇرپان مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. مۆلچەرلىنىشىچە 16-ئىيۇلدىن17-ئىيۇلغىچە، تۇرپان شەھىرىدىكى ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسىدە 45 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئەسكەرتتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى