باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گېبرېل بىلەن كۆرۈشتى

2015.07.16 19:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى گېبرېل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇلتۇر مەن گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا زۇڭلى مېركېل بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرمەكچى بولغانىدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەت كېسىشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، تەڭ نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يىل جۇڭگو-ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ئەزا دۆلەت، مەن گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا، ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانى بىلەن جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ماسلاشتۇرۇشقا، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاكتىپ يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 1984-يىلى 5-ئايدا دېڭ شياۋپىڭ ئەپەندى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى براند بىلەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ‹‹ئاڭ شەكلىدىكى پەرقلەردىن ھالقىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۆزلەش››تەك روھ بىلەن پارتىيەلەر ئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلغانىدى. 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يېڭىچە پارتىيەلەر ئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشىمىز، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى مۇستەھكەملىشىمىز، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
گېبرېل مۇنداق دېدى: سىزنىڭ بۇلتۇر گېرمانىيەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارىتىڭىز تارىخىي ئىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد يېڭى دائىمىي ھالىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، سودا، پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا ئىنتىزار. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر