باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولداش ۋەن لى ۋاپات بولدى

2015.07.16 19:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇسىبەتنامىسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 - ئىيۇل تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قايغۇلۇق ھالدا شۇنى جاكارلايدۇكى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11 -، 12 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12 - ، 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش ۋەن لى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2015 - يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 99 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش ۋەن لى 1916 - يىلى 12 - ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭپىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە تەرەققىپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1936 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1937 - يىلى 10 - ئايدا ج ك پ شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، يولداش ۋەن لى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇڭپىڭ ناھىيەلىك خىزمەت كومىتېتىنى پىلانلاپ قۇرۇشقا قاتناشقان، كېيىنچە خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن چېگرا رايونى يۇنشى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن رايونىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يولداش ۋەن لى جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن ھەربى رايونى سىياسىي بۇسىنىڭ مۇدىرى بولغان، خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن رايونىدىكى ئاممىنى ئارمىيەگە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىگەن، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە پائال يېتەكچىلىك قىلغان ھەم قاتناشقان، ليۇ بوچېڭ، دېڭ شياۋپىڭ چوڭ قوشۇنىنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ، دابېيشەن تېغىغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىش، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشقان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يولداش ۋەن لى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، شەھەر قۇرۇلۇشى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئۇ بېيجىڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، جۇ ئېنلەي زۇڭلىغا ماسلىشىپ، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەشكە سوۋغا قىلىنىدىغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خەلق سارىيى قاتارلىق بېيجىڭدىكى «ئون چوڭ قۇرۇلۇش» ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۇنيا قۇرۇلۇش تارىخىدا مۆجىزە ياراتقان. يولداش ۋەن لى 1971 - يىلى 3 - ئايدا ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنقلابىي كومىتېت سانائەت - قاتناش - شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. يولداش ۋەن لى «مەدەنىيەت زور ئىنىقلابى» مەزگىلىدە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، نازارەت ئاستىدا تەكشۈرۈلگەن. 1973 - يىلى 5 - ئايدا يولداش ۋەن لى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشتىن ئازاد قىلىنىپ، خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەم ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (ئەينى چاغدا 1 - شۇجىلىق ئورنى تەسىس قىلىنغان)، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنقلابىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. ئۇ پايتەختنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، بۇلغىمىنى تىزگىنىلەش تەشەببۇسى ۋە تەدبىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. يولداش ۋەن لى 1975 - يىلى 1 - ئايدا تۆمۈر يول مىنىستىرى، كېيىن تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى پارتىيەنىڭ ۋاقىتلىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇميۈزۈلۈك تۈزەش، تۆمۈر يول سىستېمىسىنى تۈزەشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللاپ، تۈزەش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆمۈر يول سىستېمىسىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتنى ئوڭشىغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقلابىي» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يولداش ۋەن لى 1977 - يىلى 2 - ئايدا يېنىك سانائەت مىنستىرلىقىنىڭ 1 - مۇئاۋىن مىنستىرى بولغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا يولداش ۋەن لى ج ك پ ئەنخۇي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، قوشۇمچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك ھەربىي رايوننىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىنقلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ ئاجايىپ سىياسىي دادىللىقى بىلەن فېيشى ناھىيەسىنىڭ «مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش» ۋە ۋېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتىنىڭ «ئىشنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددە بېرىش» ئۇسۇلىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ئۆلكە بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. يولداش ۋەن لى جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش، سوتسىيالىسىتىك ئىقتىسادىي تۈزۈم ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق جاپالىق ۋە مۇۋەپپەقيەتلىك ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. 1980 - يىلى 2 - ئايدا ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش ۋەن لى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 3 - ئايدا مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن؛ 4 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «سولچىل» ئىدىيەنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىشتىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزۈلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭ يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، «ئىشنى ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىش»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى − ئېلىمىز دېھقانلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى ھەم ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ ئېلىمىز ئەمەلىيىتىگە يېڭىچە تەتبىقلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. يولداش ۋەن لى 1988 - يىلى 4 - ئايدا 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان، شۇ ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشنى تەكتىلىگەن ھەم «ئىسلاھاتنى كاپالەتلەندۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش»نى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىيە، قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەرىپى ئىكەنلىكىنى تەكتىلەپ، ئىسلاھاتنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىسىتىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە تۈزەش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىغان. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇقىم، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى تەكتىلىگەن. 1992 - يىلى 10 - ئايدا پارتىيە 14 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىرلەرنىڭ روھى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاساسەن، يولداش ۋەن لى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بېرىپ، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسى قاتارلىقلارنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان ھەم 1993 - يىلى 3 - ئايدا 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا ماقۇللانغان. يولداش ۋەن لى 1993 - يىلى 3 - ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن. ئۇ رەھبەرلىك ئىش ئورنىدىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال كۆڭۈل بۆلگەن.
يولداش ۋەن لى ئۆمۈر بويى پارتىيەگە، خەلققە، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا سادىق بولدى. ئۇ ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە ئېتىقادىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىدى. ئۇ ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلەرنى قەتئىي ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى. يولداش ۋەن لى پۈتۈن ئۆمرىدە ھەقىقەتتە، ئادىللىقتا، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنى قەتئىي قوللىدى. يولداش ۋەن لىنىڭ ھاياتى ئىنقلابىي ھايات، جەڭگىۋار ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، ھەقىقەتنى، تەرەققىياتنى كۆزلىگەن ۋە كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى - قۇۋۋىتىنى بېغىشلىدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتىسيالىسىتىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زۆر تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن زور يوقىتىش. ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە دۇرۇس ئىستىلىنى ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزۈلۈك ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزۈلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش يۈز يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى.
يولداش ۋەن لى مەڭگۈ ھايات! 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر