باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

2015.07.15 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، ۋىيېننا، 14-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئىران يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە) بىلەن ئىران 14-ئىيۇل ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران بىر يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتكەن سۆھبەت ئارقىلىق، 12 يىل داۋاملاشقان ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىياسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن قورال ئىمبارگۇسى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا بەش يىل داۋاملىشىدۇ، ئىراننىڭ زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەڭ كېچىككەندە سەككىز يىلدىن كېيىن بىكار قىلىنىدۇ. خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ئىراننىڭ ھەربىي بازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە خالىغانچە ھوقۇق بېرىلمەيدۇ. ئىراننىڭ خەلقئارا تەشكۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈش تەلىپىگە باشقىچە پىكىردە بولۇش ھوقۇقى بار، ئىران ۋە ئالتە دۆلەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن كېسىم ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلارغا كېسىم چىقىرىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 7-ئاينىڭ ئاخىرى قارار چىقىرىش ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ. كېلىشىم خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر