باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساغلام جۇڭگو قەلب ئاپتىپى پىلانى يېقىندا يولغا قويۇلدى

2015.07.15 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روھى تازىلىق پەن تېخنىكا ساۋاتلىرىنى تارقىتىپ، ئاممىنىڭ بۇنىڭغا بولغان توغرا تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلغان، ساغلاملىق گېزىتى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 2015 ساغلام جۇڭگو قەلب ئاپتىپى روھى تازىلىقىنى تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش پىلانى يېقىندا يولغا قويۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە روھى كېسەللىك ئەھۋالىدا كېسەللىك نىسبىتى يۇقىرىلاش، مېيىپ بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاش، قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرىلاش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى يۇقىرىلاش، ئەھۋالنى بىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەش، دىياگنوز قويۇش نىسبىتى تۆۋەنلەش، داۋالىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەشتىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى ئۈچ تۆۋەن ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگەن. روھى كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەسەبىيلىشىش كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەن. لېكىن ھازىر روھى كېسەللىك مەخسۇس دوختۇرلىرى بولمىغان دوختۇرلارنىڭ كېسەلنى بىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇ خىل كېسەلگە سەل قارىلىپ، داۋالاش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر