خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) يېقىندا شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرى تەبئىي كاۋاپدان بولۇپ قالدى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھاۋارايى تارماقلىرى 25يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاگاھلاندۇرۇشى بەردى. جۇڭگو مېترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ سىتاتېستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 15-ئىيۇل سائەت 18كىچە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىسسىق 10شەھەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپاننىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى 44گرادۇسقا چىقىپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى