- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئاساسىي گەۋدىسى
2015.07.15 16:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يۇقىرى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ئاساسىي گەۋدىسى. شۇگۇاڭ شىركىتىنىڭ لىدىرى لى جۈن يېقىندا مۇنداق دېدى: تىرىليارد قېتىم ھېسابلايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى كومپيۇتېر شۇگۇاڭ شىڭيۈەندىن كېيىن، ئون تىرىليارد قېتىم ھېسابلايدىغان كومپيۇتېر شۇگۇاڭ 7000 تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شۇگۇاڭ 7000 شىركىتىمىز كەلگۈسىدىكى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلىگەن يېڭى ئەۋلاد ئادەتتىن تاشقىرى كومپيۇتېر سىستېمىسى بولۇپ ، بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ، يۇقىرى سۈرەتلىك خەۋەرلىشىش تورى، زور كۆلەملىك ساقلاش سىستېمىسى، سىستېما يۇمشاق دېتالىدىن قاتتىق دېتالىغىچە مۇستەقىل تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، بىخەتەر تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنى تېخنىكا جەھەتتىن ھاۋالە قىلغان شۇگۇاڭ شىركىتى 1996-يىلى قۇرۇلغان. 2008-يىلى بۇ شىركەت ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىر تىرىليون قېتىم ھېسابلايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرىنى بازارغا سالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر