- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
روسىيە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئىران يادرو ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دېدى
2015.07.16 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 15-ئىيۇل ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمى پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، يادرونى كېڭەيتمەسلىك مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، دېدى.
روسىيە زۇڭتۇڭ ئاخبارات باشقارمىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن بىلەن ئوباما شۇ كۈنى تېلېفونلاشقان، ئىككى تەرەپ ۋيېنادا ئاخىرلاشقان ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەرگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر