باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە ھۆكۈمىتى چەت ئەللەرنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا مېرس يۇقۇم ۋەزىيىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ

2015.07.16 20:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى كورېيە ھۆكۈمىتى 20-ئىيۇل ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئالاقىدار زاتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كورېيەدىكى ئوتتۇرا شەرق نەپەس ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى(مېرس) يۇقۇم ۋەزىيىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، كورېيە ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ يۇقۇم كونترول ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدىكەن.
ئىيۇننىڭ باشلىرىدا كورېيە ھۆكۈمىتى كورېيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەربابلىرىغا تۇنجى قېتىم مېرس يۇقۇم ۋەزىيىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان. نۆۋەتتە، مېرس يۇقۇم ئەھۋالى كونترول قىلىنغان بولۇپ، كورېيە ھۆكۈمىتى كورېيەگە ساياھەتكە كېلىشنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن 2-قېتىملىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر