خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە) بىلەن ئىران 14-ئىيۇل ئىران يادرو مەسىلىسىنى تارىخىي خارەكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش كېلىشىمىدە بىرلىككە كەلدى. ئالتە تەرەپ بىلەن ئىران بىر يېرىم يىلغا يېقىن سۆھبەت ئارقىلىق، 12 يىلغا سوزۇلغان ئىران يادرو مەسىلىسىدە سىياسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمى ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلىش ھەمدە ئىراننىڭ ھەرىكەت پىلانى، يادرو تېخنىكا كېلىشىمى، كېلىشىمگە قارىتا نازارەت قىلىش، ئىراننىڭ يادرو ئىقتىدارىغا بولغان چەكلىمە ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنىڭ قارار لايىھەلىرى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىرانغا قورال ئېكېسپورت قىلىشنى چەكلەش ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 5 يىل داۋاملىشىدۇ، ئىرانغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىان سنارەد تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 8 يىلدىن كېيىن بىكار قىلىنىدۇ. خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرگە ئىراننىڭ ھەربىي بازىلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش ھوقۇقى خالىغانچە بېرىلمەيدۇ. ئىران خەلقئارا تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىتا باشقىچە پىكىر بېرىش ھوقۇقى بار، ئىران ۋە ئالتە دۆلەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن كېسىم ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشقا كېسىم چىقىرىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلايدۇ. كېلىشىم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەستىقلىغاندىن كېيىنكى 90 كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى