خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىدە ئېچىنىشلىق دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندىمۇ 29 ئادەم قازا قىلدى، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. يەرلىكتىكىلەر قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، دېدى. شۇ كۈنى، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاندىرا فىدراتىسىيەسىنىڭ راجا مۇندىرى شەھىرى گېداۋا دەرياسى بويلىرىدا، ھىندى دىنى مۇرتلىرى 12 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرىمىنى تەبرىكلەشنى باشلىدى. نەتىجىدە سۈبھى مەزگىلىدە دىننىي مۇرتلار بەس ـ بەستە «مۇقەددەس سۇ»دا يۇيۇنۇشنى تالاشقانلىقتىن، نەق مەيداندا ئېچىنىشلىق دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى