باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى پۇتبول ئۆسمۈرلىرىنىڭ چېمپىيونلۇق يولى

2015.07.16 19:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بۇ يىل ياز شىنجاڭدىكى پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر خېلى ياخشى «ھوسۇل»غا ئېرىشتى. 2015-يىللىق شىنجاڭ ئۆسمۈر ئوغۇللار U16 پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (بېيخەي مۇسابىقە رايونى)دە شىنجاڭ پۇتبول بىرلەشمىسى غەلىبىلىك ھالدا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالدى؛ شىنجاڭ ئاتۇش پۇتبول كوماندىسى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 10-نۆۋەتلىك رۇسىيە ئۆسمۈرلەر خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولىغا ئالدى؛ 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى(چۇڭچىڭ مۇسابىقە رايونى)دە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى ... نەچچە ئون يىللىق پۇتبول تارىخىغا ئىگە 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوغۇللاردىن تەشكىللەنگەن تۆت كوماندا ۋە بىر قىزلار كوماندىسى، 120 دىن ئارتۇق پۇتبولچى ئەزىمەت بار بولۇپ، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەملىكەت دەرىجىلىك چېمپىيونلۇقتىن توققۇزنى، خەلقئارا دەرىجىلىك چمپىيونلۇقتىن تۆتنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىدە داڭ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبولى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مەكتەپ پۇتبول كوماندىلىرى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئارقا-ئارقىدىن نەتىجىگە ئېرىشىپ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھەر يىلى دۆلەت دەرىجىلىك مەكتەپ پۇتبولىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپىدىن 300 نى، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىققا ئىگە مەكتەپتىن 800 ~ 900 نى، مەكتەپلەردە پۇتبولنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون) دىن ئۈچنى ۋە ئۈچ ئالىي مەكتەپتە يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىققا ئىگە مەكتەپلەردە بۇ يىل سنتەبىردىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە بىر سائەت پۇتبول دەرسى ئۆتۈلۈپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى، 1-سەپتىكى پۇتبول تىرېنرلىرى ۋە خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە تۈزگەن مەكتەپ پۇتبول ئوقۇتۇش قوللانمىسى دەرسلىك قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇكەممەل بولغان «مەكتەپ پۇتبولى» مۇسابىقە تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر