باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىلەر يىلى ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئىلمىي ئۈنۋان بېرىدىغان ئورۇنلار بېسىپ چىقىرىدۇ

2015.07.15 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 14- ئىيۇل تېلېگراممىسى. مائارىپ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۈنۋان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلمىي ئۈنۋان بېرىش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسىنى ھەر قايسى مەكتەپلەر ئۆزى بېسىپ تارقىتىدۇ، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۈنۋان كومىتېتى ئىشخانىسى بېسىپ تارقاتقان ئىلمىي ئۈنۋان گۇۋاھنامىسى ئەمدى ئىلشىتىلمەيدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: گۇۋاھنامە رەت نۇمۇرى 16 خانىلىق ئەرەب رەقىمىدىن تۈزۈلىدۇ. 16 خانىلىق رەقەم رەت نۇمۇرىنىڭ ئالدىدىكى بەش خانە ئىلمىي ئۈنۋان بەرگەن ئورۇن كودى؛ ئالتىنچى خانە بېرىلگەن ئىلمىي ئۈنۋان دەرىجىسى بولۇپ، دوكتۇرلۇقنىڭ 2، ماگىستىرلىقنىڭ 2، باكالاۋۇرلۇقنىڭ 4؛ يەتتىنچى خانىدىن 10- خانىغىچە ئىلمىي ئۈنۋان بەرگەن ئورۇننىڭ يىلى(مەسىلەن 2016- يىلى بېرىلگەن ئىلمىي ئۈنۋان بولسا، 2016 دەپ تولدۇرۇلىدۇ) كېيىنكى ئالتە خانە ئىلمىي ئۈنۋان بېرىدىغان ئورۇن ئۆزى تۈزگەن رەت نۇمۇرى بولىدۇ(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى).

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر