خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنئەنىۋى يېمەكلىك پوشكال ۋە ساڭزا مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىشىدىكى مۇھىم يىمەكلىك. يېقىنقى كۈنلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى «روزا ھېيت» يېتىپ كىلىش ئالدىدا، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى بەس ـ بەستە ساڭزا پىشۇرۇپ، ھېيتلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى، ھېيتنى تەبرىكلەش كەيپىياتى ئىنتايىن قۇيۇق بولدى.13-ئىيۇل، مۇخبىر مۆمىن توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى بۇلاقبېشى كەنتىدىكى رابىيە ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئاچا ـ سىڭىللىرى بىلەن ئالدىراش ساڭزا سىلىۋاتقانلىقىنى كۆدى. ئۇ مۇخبىرغا، بۇ يىل ئۇنىڭغا ساڭزا زاكاز قىلغانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاللىقاچان 120 لېگەندىن ئارتۇق ساڭزا سېتىپ بولغانلىقىنى، ھازىر يەنە 150 لېگەندىن ئارتۇق زاكاس بارلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، رابىيگۈل ھۈسەيىن ئاتا ـ ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قىلىپ، بالدۇرلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشلىغان، ئىنتايىن كىچىك چاغلىرىدىلا نۇرغۇنلىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگەنگەن، لەغمەن، پولو ۋە ساڭزا قاتارلىقلارنى ئىنتايىن ئوخشىتىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ساڭزىنى ئالاھىدە ئوخشىتاتتى. ئۇ خېمىر يۇغۇرغاندا پىياز قوشىدىغان بولغاچقا ساڭزىنىڭ تەمى مېزىلىك، چۈرۈك بولۇپ، ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنى ئۆيىگە ساڭزا سېلىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى