خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل، مېكسىكا ساقچى تەرەپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈرمىدىن قاچقان چوڭ زەھەر ئەتكەسچىسى گۇزمان تۈرمىدىن قاچقان لەخمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىدى، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى، بۇ ئارانلا بىر ئادەم سىغىدىغان كىچىك لەخمىدە، موتىسىكىلىت شۇنداقلا ئېلېكترونلۇق ئارغامچا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەممە نەرسە تەقلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. سۈرەتتە؛ لەخمە ئىچىگە توختىتىپ قۇيۇلغان قۇراشتۇرۇلغان موتىسىكىلىت. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى