- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2014-يىلى يېڭىدىن 463مىڭ زەھەر چەككۈچى بايقالدى
2015.06.24 13:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 23-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلغان «2015-يىللىق جۇڭگو زەھەر چەكلەش مۇنبىرى __ بىرىكمە زەھەردىن ساقلىنىش» يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن بايقالغان زەھەر چەككۈچى 463مىڭ كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى %80كىشى بىرىكمە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلەتكۈچى ئىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە نۆۋەتتە جۇڭگودا بايقالغان، تىزىملانغان بىرىكمە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلەتكۈچى سانى 2008-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 6.5ھەسسىسىچىلىك بولۇپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40ئاشقان، بولۇپمۇ 35ياشتىن تۆۋەن ياش ئۆسمۈرلەر زور كۆپ ساننى ئىگىلىگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر